گەرچە باففىت ۋە گايتسنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر دېيىشكە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك خەير-ساخاۋەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئۇلار يەنە تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە مۇھتاج . مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، « ھەدىيە قەسىمى» تۈرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ 2010 - يىلى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر چوڭ ئىشقا ئايلاندى.
ئامېرىكا« خەير - ساخاۋەت خاتىرىلىرى » ھەپتىلىك ژۇرنىلى 2014 - يىللىق خەۋىرىدە، «Facebook» تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئەر-خوتۇن 2013 - يىلى SVCF فوندى جەمئىيىتى فوندىغا قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن پاي چېكىنى ئىئانە قىلغان، ئۇلار ئامىرىكا خەير - ساخاۋەت تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىزمەنبە: خەلق تورى