باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز(5)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   تۆتىنچى مەسىلە: جۇڭگو روھى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ جېنى

  بۇ مەزگىلدە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدىم. بۇ يىل 2 – ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەخسۇس سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا، مەن سۆز قىلىپ پۈتكۈل جەمئىيەتكە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن ‹‹4 – ماي›› ياشلار بايرىمىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىدىم. 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، شاڭخەي شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى مىللىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىدىم. 6 – ئاينىڭ بېشىدا ئىككى ئاكادېمىيە يىغىنىدا ئاكادېمىكلارغا بۇ جەھەتتە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. 9 – ئايدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدىم. بۈگۈن ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە بۇ تەلەپنى قويماقچىمەن، چۈنكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە رولى بار.

  ھەر بىر دەۋردە شۇ دەۋرگە خاس روھ بولىدۇ. مەن ئىلگىرى جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن جۇڭگوچە يولدا مېڭىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك، دەپ ئېيتقان. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بىر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرىدىغان روھىي تۈگۈن، بىر دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىدىيە، ئەخلاق ئاساسىدۇر. ئەگەر ئورتاق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بولمىغاندا، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئەمەل قىلىدىغان مىزان مەۋجۇت بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى نېمىشقا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ ئېقىنىدا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ، ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد ياشناپ قەيسىرانە تەرەققىي قىلالىدى؟ بۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشقان روھىي تەلپۈنۈشى، روھىي خاسلىقى ناھايىتى مۇھىم سەۋەب بولغان.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلىمىز جەمئىيىتى ئىدىيەدە چوڭ ھالقىش، قاراشلاردا توقۇنۇش بولۇش، مەدەنىيەت سىڭىشىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن مەسىلە كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نىسبەتەن گەۋدىلىك بولغىنى بەزى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى يېتەرسىز، ياخشى – ياماننى ئايرىش ئېڭى سۇس، ئىش – ھەرىكىتىنىڭ تۆۋەن چېكى يوق، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىشقا پېتىنالايدۇ، ھەر قانداق ئەخلاقسىز قىلمىشلاردىن باش تارتمايدۇ، دۆلەت قارىشى، كوللېكتىپ قارىشى ۋە ئائىلە قارىشى يوق، توغرا – خاتا، ھەق – ناھەقنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىمايدۇ، گوللۇق – گومۇشلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەيش – ئىشرەتتە ياشايدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى خىلمۇ خىل مەسىلىلەرگە دەل مۇشۇلار سەۋەب بولغان. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر ناۋادا ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىسا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش تەسكە توختايدۇ.

  بىز ئىزچىل تۈردە ‹‹ئىككى مەدەنىيلىك››نى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىكەنلىكىنى باشتىن – ئاخىر تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاللىبۇرۇن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئىستىل ناچارلىشىپ كەتسە، ئىقتىسادنى راۋاج تاپقۇزغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ باشقا جەھەتتە چىرىش، چېكىنىش بولىدۇ!›› دېگەن. شۇڭا، بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز؛ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش ھەر زامان، ھەر ماكاندا مەۋجۇت بولۇپ، خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىغا، تۇغۇلۇشىدىن جۇڭگولۇق بولغانلىقىمىزدىكى خاس روھىي تۈۋرۈك، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى، مەدەنىيەت جەھەتتە تاۋلاش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئادەتلەندۈرۈش، تۈزۈم كاپالىتى ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىچكى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ روھىي ئىنتىلىشى، سىرتقى جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئەدەبىيات – سەنئەت روھ يېتىلدۈرىدىغان قۇرۇلۇش، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر روھنىڭ ئىنژېنېرى. ياخشى ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسىرى كۆكتە پارلىغان قۇياشقا، ئىللىق باھار شامىلىغا ئوخشاش، ئىدىيەنى ئويغىتىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، كىشىلىك ھاياتنى تاۋلاپ، چۈشكۈنلۈكنى تۈگىتىدۇ. ‹‹ئۆلمەس ئەسەر ياراتقۇچىلاردا چوقۇم ئۆلمەس قەلب بولۇشى زۆرۈر››. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە قىزغىن، جانلىق، ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەسەردىكى جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق كىشىلەرگە نېمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە مەدھىيەلەش، نېمىنى بايقۇت قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، تەدرىجىي ئۆزگەرتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە داڭلىق ئەدىبلەر كۆپ، ئىجتىمائىي تەسىرى زور، كۆپچىلىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە كامالەتكە يېتىشكە تىرىشىپلا قالماستىن، يەنە ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىدىمۇ كامالەتكە يېتىشكە ئىنتىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، سۆز – ھەرىكىتىدە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىكى چوڭقۇر، تۈپ، مەڭگۈلۈك تېما ۋەتەنپەرۋەرلىك. ۋەتەنپەرۋەرلىك كۆپلەپ يېزىلىدىغان، يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تېما. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا باي ئەسەرلەر جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئەڭ دەۋەت قىلالايدۇ. فەن جۇڭيەننىڭ ‹‹خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش، ئەل شادلانسا تەڭ شادلىنىش››، لۇ يۇنىڭ ‹‹خان قوشۇنى كېلىپ بىر كۈنى، تىنچىتار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى، ئۆلۈپ كەتسەم ئەگەر بىر كۈنى، ئەۋلادلىرىم كۆرەر بۇ كۈننى››، ‹‹گەرچە پېقىر بولساممۇ ئۆزۈم، يادىمدا ھامان دۆلەت قىسمىتى››، ‹‹ئۇشقىرتسىمۇ شىۋىرغان ئاشۇ زۇلمەت كېچىدە، ئوينىتىمەن شەمشەرنى مىنىپ تۇلپار چۈشۈمدە››، ۋېن تيەنشياڭنىڭ ‹‹ئەلمىساقتىن ئۆلمەيدىغان ھېچ كىشى بولمىغان، ئوت يۈرەك باتۇرلار تارىختا مەڭگۈ يادلانغان››، لىن زېشۈنىڭ ‹‹دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغا پايدىلىقلا بولسا، ئۆز پايدا – مەنپەئىتىم بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن››، يۆ فېينىڭ ‹‹مەنجياڭخۇڭ››، فاڭ جىمىننىڭ ‹‹سۆيۈملۈك جۇڭگو›› قاتارلىق يازمىلىرىدا ۋەتەنگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلغان. بىزنىڭ زامانىۋى ئەدەبىيات – سەنئىتىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ئاساسىي مېلودىيە قىلىپ، كىشىلەرنى توغرا تارىخىي قاراش، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تىكلەش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مەڭگۈلۈك قىممىتى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنى قوغلىشىشتا. سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئىنسان روھىنى پاكلاپ، كىشىلەرگە تەبىئىي گۈزەللىك، تۇرمۇش گۈزەللىكى، قەلب گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. ‹‹سەرگەردان بالا›› ناملىق شېئىرنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا تارقىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا ئانىنىڭ ئۇلۇغ مۇھەببىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سۇ دۇڭپو خەن يۈنى ‹‹ئەدەبىيات – سەنئەت سەككىز دەۋر زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىمۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى يەنىلا ئەل ئارىسىدا يادلانغان›› دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، بۇ دېگىنى سى ماچيەندىن خەن يۈگىچە ئەدەبىيات – سەنئەت سەككىز دەۋر كەينىگە چېكىنگەندىمۇ، خەن يۈنىڭ ئەسەرلىرى يەنىلا خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ‹‹قائىدە›› سۆزلەنگەن، رېئاللىق، خەلق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنى، تىرىشىپ ئىلگىرىلەش، ئەخلاقلىق، سەمىمىي بولۇش قىممەت قارىشىنى يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاققا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەخلاقنى شەرەپ بىلىش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشتەك ئەخلاق مەنزىلىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرالىغاندىلا، ئاندىن مەڭگۈ ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ، مەڭگۈ ئۈمىدكە تولىدۇ.

  ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە ھازىرقى تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ جان تومۇرى مۇجەسسەملىنىشى كېرەك. ‹‹يوغان لىم ئېلىش ئۈچۈن، كۆچەتنى ياخشى پەرۋىش قىلىش كېرەك؛ ئېقىندا سۇ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېچىش كېرەك››. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم مەنبە، شۇنداقلا بىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى دولقۇنىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشىمىزدىكى مۇستەھكەم ئاساس. مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىش سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچىنى، سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ئىشەنچىنى، تۈزۈم ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشتىكى زۆرۈر ھەقىقەت. ‹‹چەت ئەلنىڭكىنىلا ئۇلۇغلاپ››، ‹‹چەت ئەلنىڭكىنىلا چىرايلىق دەپ قاراپ››، ‹‹چەت ئەلگىلا ئەگىشىپ››، ئەسەرلەرنىڭ چەت ئەلدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئەڭ ئالىي نىشان قىلىپ، باشقىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قېلىپ، ئەسەرلەرنى ‹‹ئىدىيەۋىلىكتىن، قىممەت قارىشىدىن، تارىختىن، جۇڭگودىن، ئاساسىي ئېقىمدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئىستىقبالى بولمايدۇ! ئەمەلىيەتتە، چەت ئەللىكلەرمۇ جۇڭگوغا كېلىپ ماتېرىيال، ئىلھام ئىزدەۋاتىدۇ، ھوللىۋود ئىشلىگەن ‹‹گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق››، ‹‹خۇا مۇلەن›› قاتارلىق كىنولاردىمۇ بىزنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىمىزدىن ئۆرنەك ئېلىنغان.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئىدىيە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى يېتىلدۈرگەن ۋە شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مېھىر – مۇھەببەتنى قەدىرلەش، ئەلرايىغا ئەھمىيەت بېرىش، سەمىمىيلىكنى تەكىتلەش، دىيالېكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىش، دوستلۇقنى قەدىرلەش، بۈيۈك بىرلىكنى كۆزلەش قاتارلىق ئىدىيەلەر، توختىماستىن ئىلگىرىلەش، كەسىپنى قەدىرلەش، كوللېكتىپنى سۆيۈش، ئادالەتنى ياقلاپ، سەمىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا مېھرىبان بولۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ئىگە. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇن ئىدىيە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى، ئىلگىرى ياكى ھازىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەڭگۈلۈك قىممەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە، گۈزەللىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇانىڭ گۈزەللىك ئەنئەنىسى ئەسەرلەردە ئۆز ئەكسىنى تاپقان بولۇپ، ھېسسىيات ئىچىگە ھەقىقەتنى سىڭدۈرۈشكە، تىلى ئاددىي، مەنىسى چوڭقۇر بولۇشقا، شەكىل ۋە مەزمۇننىڭ ئوخشاش مۇكەممەل بولۇشىغا، ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇننىڭ چوڭقۇر ۋە كەڭلىكىگە، ئۆز خاھىشى، ھېسسىياتى، ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ بىردەكلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ گۈزەللىك ئەنئەنىسىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى كونىلىققا قايتىش ئەمەس، چەت ئەلنىڭكىنى قارىغۇلارچە يەكلەشمۇ ئەمەس، بەلكى قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن، چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، مېغىزىنى تاللاپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پاسسىپ ئامىللارنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ ئىدىيەگە ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹قەدىمكىلەرنىڭ قائىدىلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى ئېچىپ››، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئالمىشىشى ۋە يېڭىچە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگو روھىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىشىمىز ھەرگىزمۇ چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەلۋەتتە. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ياراتقان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىشىمىز كېرەك. چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، جۇڭگونىڭكى بىلەن غەربنىڭكىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى تېخىمۇ ياخشى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، زامانىمىزدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتىدۇ. يېڭى ئەدەبىي تىلدىكى ئەسەرلەر، بالېت، سىمفونىيەلىك مۇزىكا، ماي بوياق، كىنو، تىياتىر، ھازىرقى زامان پىروزىسى، ھازىرقى زامان شېئىرى قاتارلىقلار چەت ئەلنىڭكىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مىللىي ئىجادىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى. لۇشۈن قاتارلىق تەرەققىيپەرۋەر يازغۇچىلار ئەينى يىللاردا چەت ئەلنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلغان ۋە تونۇشتۇرغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىنى ئۆگەندۇق ۋە ئۆرنەك ئالدۇق، مەسىلەن: پىلېخانوۋنىڭ سەنئەت نەزەرىيەسى، ستانسىلاۋىسكىينىڭ ئورۇنلاش سىستېمىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالېت ئۇسسۇلى، كىنولىرى قاتارلىقلار. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلچىسى ئۇلانوۋا ۋە بەزى داڭلىق ئارتىسلىرى، رېژىسسورلىرى ئەينى يىللاردا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. بۇ خىل ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىيات – سەنئىتىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىشى تېخىمۇ كېڭەيدى. ئەھۋال ھازىرمۇ ئوخشاش، ئېيتىشىش، كوچا ئۇسسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن سەنئەت شەكلى چەت ئەلدە گۈللەنگەن، لېكىن خەلق ياقتۇرسىلا، بىز ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالىمىز ھەم ئۇنىڭغا ساغلام، ئاكتىپ مەزمۇنلارنى قوشىمىز.

  ھازىرقى دۇنيا ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا، سەنئەتمۇ خەلقئارا بازاردا رىقابەتلىشىدۇ، رىقابەت بولمىسا، ھاياتىي كۈچ بولمايدۇ. مەسىلەن: كىنو ساھەسىدىكى بازار رىقابىتىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولار چەت ئەل كىنولىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنمىدى، ئەكسىچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىز كىنولىرى بازار رىقابىتىدە تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر