باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭغا كەلگەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا بەخت تىلىدى

2015.09.23 17:08   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭغا كەلگەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا بەخت تىلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت، دۆلەت بايرىمى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 60 يىللىق قۇتلۇق كۈنىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكى، ھەم شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق سەيلىگاھلار كۈنىگە كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتتى، مىھمانخانا، سەيلىبۇس، ساياھەت كوپىراتىپلىرى تولىمۇ ئالدىراش ئىشلىمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خەۋەرگە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ كۈتىۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر جەمئىي00156842 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15.78% ئاشقان؛ كۈتىۋالغان چەتئەللىك ساياھەتچى 006677 ئادەم قېتىمغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.85 ئاشقان. ئىلى، تۇرپان، ئالتاي، سانجى، تارباغاتاي، قۇمۇل، بايانغولىن، قىزىلسۇ،, قاراماي قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان بۇلۇپ، ئاپتونۇم رايوننىڭ% 65 نى ئىگەللەيدۇ؛ ئۈرۈمچى ۋە بورتالا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى ٪ 10 كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيلا قالماستىن يەنە، قۇتلۇق كۈن ھارپىسىدا ھەممە يەردە ئۇرغۇپ تۇرغان خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ، بەس-بەستە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …