خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 19-سېنتەبىر، 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن توخۇ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جاڭ خەنيۈ سەھنىدە مۇكاپاتنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى 24-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن توخۇ بارچە گۈل كىنو بايرىمى ۋە 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن توخۇ بايرىمىنى تارقىتىش مۇراسىمى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شۈكې ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا، جاڭ خەنيۈ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى، بادېما ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى