خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ9 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراقاش ناھىيە ئاقساراي يېزا ئارا مازار كەنت كومىتىتىنىڭ قوروسى دېھقانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى،بۇ يەردە قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە ئارا مازار كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر خالىسانە كېسەل كۆرۈش،ھەقسىز دورا تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى،ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پائالىيەتنى قوللاپ 10 نەپەر مۇتەخەسس، 10 مىڭ يۈەنلىك دورا، ھەم ب تىپلىق ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، يۈرەك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ياردەم بەردى.تېببىي خادىملار يېرىم كۈنلۈك ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق 150 كىشىگە دىئاگىنوز قويدى، دورا تارقىتىپ بەردى ۋە داۋالىنىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
(غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن)