باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭدىن چىققان قىز چولپانلار(1)

2015.08.21 16:17   مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):

  1. گۈلنەزەر: ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، 16 يېشىدىن باشلاپ سۈرەت مودېلى ۋە ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇشنى باشلىغان. بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپ گۈلى دەپ ئاتالغان. گۈلنەزەر ئالى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، يېقىنقى مەزگىلدە گۈلنەزەر ئۈزلۈكسىز كىشىلەرنىڭ دىققتىنى تارتقان.

  2. رەيىزە: بېېجىڭدا تۇغۇلغان شىنجاڭلىق قازاق قىز، چىرايلىق ھەم ئوماق چىرايى بىلەن 15 يېشىدىلا مودېل ساھەسىگە كىرگەن. تاشقى قىياپىتى ياپونىيەنىڭ داڭلىق مودېلى خاشىموتوغا ناھايىتى ئوخشىغاچقا مەلۇم ژۇرنال تەرىپىدىن تاللانغان ھەمدە ژۇرنال مۇقاۋىسىغا چىققان ئەڭ ياش قىز دەپ باھالانغان. بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە ئىجادىيەتىدە بەك قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ لېكىن «جېن خۇەننىڭ تەرجىمىھالى» فىلىمىدە كىچىك خانىشنىڭ رولىنى ئېلىپ تاماشىبىنلارغا تونۇلغان.

  3. دىلرابا: ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. تېلېۋىزىيە تىياتىرى«كارات مەشۇق» دا دىلرەبا ئۆزىنىڭ گۈزەل تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە ئوماق سەنئەت ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  4. توڭ لىيا: شىنجاڭلىق ئايال ئارتىسلارنىڭ ۋەكىلى دېيىشكە بولىدۇ. توڭ لىيا شىبە مىللىتىدىن بولۇپ بۇرۇن مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىز دەپ باھالىنىپ شىبە مىللىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان.

  5 . جياڭ شىن: ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، تېلېۋىزىيە تىياتىر«جېن خۇەننىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئىچىدە خۇا خانىشنىڭ رولىنى ئېلىپ تاماشىبىنلارغا تونۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …