پېرۇ ‹‹21-ئەسىر گېزىتى››نىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 15-ئاۋغۇست، ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى رافائېل كوررىئا بۇيرۇق ئىمزالاپ، كوتوپاتسى يانارتېغى پارتلىغانلىقتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى، يېقىن ئەتراپتىكى 400 دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
15-ئاۋغۇست كەچتە، ئېكۋاتور بىخەتەرلىك ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرى سېسار ناۋاس ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسەتكەن: كوتوپاتسى يانارتېغى يېڭى بىر قېتىم پارتلىدى، نۆۋەتتە ئېغىر تەھدىت شەكىللىنىپ، ھۆكۈمەتنى دەرھال جىددىي ئەھۋال تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلدى.