باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر

[شىنجاڭ گۈللىرى ئوردوستا] پەرۋىنە: تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن

2015.08.17 15:46   مەنبە: خەلق تورى

[شىنجاڭ گۈللىرى ئوردوستا] پەرۋىنە: تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن

  [كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.

  پەرۋىنە: تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن

  بۇ يىل ئاران 20 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر قىزچاق پەرۋىنە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەكتىپىدىكى ياش چولپانلارنىڭ بىرى، كۈندىلىك ئوقۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشتىن باشقا ئۇ يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پارلاق يول پروگراممىسىغا قاتناشقان، 9-نۆۋەتلىك CCTV ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئىلغار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئۇسسۇل كۈيى مۇسابىقىسىدە مەملىكەت بويىچە 9 كۈچلۈكنىڭ بىرى بولغان، ئون نادىر يەرشارى خانقىزى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن كۆپ تەرەپتىن قابىلىيەتلىك قىزچاق. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۆزۈمنىڭ مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى ئايلاندۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم ھەم پەخىرلەندىم، ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنى، شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن».

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …
      ·خەنزۇتىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلار ۋە «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندال…
      ·ئىچكىردىكى  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تە…
      ·ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ 0 ﻧﻮﻣﯘﺭﺩﯨﻦ 100 ﻧﻮﻣﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ
      ·نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس
      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى