خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- سىنتەبىر، قەشقەر كونا شەھەردە ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ يېنىدا بىر توپ ياشلارنىڭ كۈلكە-چاقچاق بىلەن يەپ-ئىچىپ ئولتۇرغىنىنى، تۆت-بەش يىگىتنىڭ كوچا ئۇسۇلى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، مەززىلىك تونۇر كاۋىپى ۋە نانغا قاراپ ساياھەتچىلەرنىڭ شۆلگىيى ئاقسا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۈستى ئوچۇق بالىخانىلىق ھويلا-ئاراملار كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، كۇلالىچىنىڭ ساپال ياساش ماھارىتىنى ھەممەيلەن ماختىشاتتى...تومۇزدىكى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
(مەرھابا تەرجىمىسى)
سۆرەتتە: كوچا ئۇسۇلى ئويناۋاتقان يىگىتلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى