خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ تۈركىيە ئېدىرنېدا تارتىلغان سەلىمىيە مەسچىتى ۋە سىناننىڭ ھەيكىلى(25-ئىيۇل تارتىلغان). سەلىمىيە مەسچىتى تۈركىيە ئېدىرنېدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋىردە سېلىنغان مەسچىت. سەلىمىيە مەسچىتى سۇلتان سەلىم Ⅱ نىڭ بۇيرۇقى بىلەن سېلىنغان. 1569-يىلىدىن 1575-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئىش باشلىغان، داڭلىق بىناكارلىق ئۇستىسى سىناننىڭ نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر قۇرۇلۇش. 2011-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 35-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، سەلىمىيە مەسچىت دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى