باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارقىتىلدى

2015.07.27 13:41   مەنبە: خەلق تورى

2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تارقىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ «ئىزگۈ» ئۇچۇر پەن – تېخنىكا چەكلىك شېركىتى ئۇيۇشتۇرغان 2 – نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» 27 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە تارقىتىلدى.

  ئىگىلىشىمچە، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات 2014 – يىلى باشلانغان بولۇپ، 2 – نۆۋەتلىك «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا 2015 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ ئەسەر قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان، بۇ يىل 30 – ئىيۇنغىچە ئېلان قىلىنغان سەككىز تۈردىكى 1502 بەتلىك 153 پارچە ئەسەر ئىچىدىن باھالاش ھەيئىيىتىنىڭ كۆپ باسقۇچلۇق تاللىشى ئارقىلىق ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ «مۇھەببەت ۋە نامارەتلىك» ناملىق داستانى قاتارلىق يەتتە پارچە ئەسەر 2 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، قەھرىمان روزى ئەرچىن «مۇنەۋۋەر تور مۇھەررىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ 2 مىڭ يۈەندىن مۇكاپاتلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيەت – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ھەققىدە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەسەرلەردە ژانېرلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، مۇكاپاتلار گۈلى گۈلىگە كەلگەن، مەزمۇن ساغلاپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئاساسىي يېتەكچى قىلىنىپ، ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلغان، ئاپتونوم رايونىمىز ئەدەبىياتىدىكى ئىجادىيەت نەتىجىسى گەۋدىلىك، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان قەلەمكاشلار تاللانغان. بۇرۇن توردا مەخسۇس ياشلارلا ئەسەر يوللاشتىن ھازىر ئوتتۇرا ياش قەلەمكەشلەرنىڭمۇ جۈملىدىن ئايال قەلەمكاشلارنىڭمۇ ئەسەرلىرىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى