15-ئىيۇلدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ يازلىق يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق ھاۋارايى باشلاندى، تۇرپان، پىچان، توقسۇن ئويمانلىقلىرى 41 سېلتسىيە گرادۇسقا چىقىپ، شۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق ھاۋا بولدى.
16-ئىيۇل، تۇرپاننىڭ تېمپۇراتۇرىسى 44 سېلتسىيە گرادۇسقا، توقسۇن ۋە پىچاننىڭ 42 ۋە 41 سېلتسىيە گرادۇسقا ئۆرلىدى. ئۇندىن باشقا ئالاۋ تېغى ئېغىزىنىڭ تېمپۇراتۇرىسى 41 سېلتسىيە گرادۇسقا يەتتى. شۇ كۈنلۈك مەملىكەتلىك يۇقىرى تېمپۇراتۇرا قاتارىدا شىنجاڭ ئالدىنقى ئون ئورۇننى ئىگىلىدى، شىمالدىكى بۆرتالادىن جەنۇبتىكى پەيزىۋاتقىچە تېمپۇراتۇرا 39 سېلتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولدى.
15-ئىيۇلدىكى مەملىكەت بويىچە ئون يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق شەھەر ۋە رايونلار تۆۋەندىكىچە:
تۇرپان ℃44، توقسۇن ℃42، ئالاۋ تېغى ئېغىزى ℃41، پىچان ℃41، جىڭ ℃40، لوپ ℃39، بۆرتالا ℃39، قاراماي ℃39، پەيزىۋات ℃39، تارىم نېفىتلىكى ℃39.