باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەن خىزمەت گۇرۇپپىسى(1)

2015.07.23 13:32   مەنبە: خەلق تورى

ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆككەن خىزمەت گۇرۇپپىسى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىدىن قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە بۇلاقسۇ يىزا 2-كەنتكە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گورۇپپىسى ئىجتىمائى مۇقۇملۇق ۋە ئەبەدى ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەبەدى ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلنى خاتىرجەم قىلىش، ئەلنى بېيىتىش دەيدىغان ئىددىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئىلىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىن ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش، ئاساسى قاتلام ئۇلىنى كۈچەيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشىپ خىزمەت ئىشلەپ « ئۈچ ئەل»خىزمىتىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى.بۇ خىزمەت گۇرپىسى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان «ئۈچ بىرلەشمە» خىزمەت مىخانىزمنى يولغا قويۇپ ئامما ئارسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئائىلىلەرگە بىرىپ ئەھۋال ئىگەللەش، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىشقا دائىر سىياسەتلىرىنى ئومومىيۈزلۈك تەشۋىق قىلىش، ئامما ئارىسىدىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە دوسلىشىش، «ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش» نى ئاساسى تىما قىلغان مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتى ۋە «مەخسۇس تىمىدىكى لىكسىيە» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ كەنتتىكى ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كىلىۋاتقان يەر ماجىراسى مەسلىسى ھەل قىلىنىپ 145 مو يەر كوللىكتىپ ئىگىلىكىگە قايتۇرۇپ كىلىندى، 35 ئائىلىنىڭ 120 مو يىرىگە 13500 يۈەن قىممىتىدىكى 2700 تۈپ ياڭاق كۆچىتى تىكىپ بىرىپ دىھقانلارنى بىيىش يولىغا يىتەكلەندى. كەنت كومتىتىغا 18000 يۈەن قىممىتىدىكى 12 يۈرۈش كارۋات ۋە يوتقان –كۆرپە، 2 دانە تىلۋۇزۇر، بىر بىخەتەرلىك ئىشكاۋى، 30 تۈپ چىنار كۆچىتى، 50 تۈپ ئەتىرگۈل كۆچىتى ئەكىلىپ بىرىپ كەنت دىجۈرنىلىك ئۆيى ۋە كەنت قىياپىتى ئوموميۈزلۈك تەرتىپكە سىلىندى.

  كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بالىلار باغچىسىنى پىراكتىكا بازىسى قىلىپ بىكىتىپ ئۇلار بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ياردەم بىرىش كىلىشمنامىسىنى تۈزۈپ بۇ ئىككى مەكتەپنى 8000 يۇەن قىمممىتىدىكى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشلانغۇچ مەكتەپكە نىسبەتەن «ئىككى دەرس، بىر كونسۇلتاتسىيە» خىزمەت مىخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ خىزمەت گورۇپپىسى ئەزالىرى ئىچىدىن مەخسۇس دەرس ئوقۇتقۇچىسى بىكىتىپ 60 سائەت خەنزۇ تىلى دەرسى، 32 سائەت كومپىيوتىر دەرسى، 12 سائەت قانۇن- تۈزۈم دەرسى ئۆتۈلدى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە يىتەكلەندى ، 16 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان «ئەزىمەتلەر» پۇتبۇل ئەترىتى قۇرۇپ چىقىلىپ 2 نەپەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيلىدى. بالىلار باغچىسى ئۈچۈن 18000 يۈەن پۇل ۋە 12 ئادەم كۈچى چىقىم قىلىنىپ « قوش تىل» ئوقۇتۇشى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان 300 كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى تەشۋىقات تېمى بەرپا قىلىندى.قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپى مۇئاۋىن بۆلۈم دەرجىلىكتىن يۇقىرى 20 نەپەر كادىرى كەنت تەۋەسىدىكى 60 نەپەر كەنت كادىرى، دىنى زات ۋە دىھقانلار ئاممىسى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «بەشتە بىر» دوسلىشىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ ئۇلارغا 6800 يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن، گۈرۈچ، ماي ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە 80 مو يەردىكى سامانلىرىنى توشۇشقا ياردەملەشتى.ھەر خىل خاتىرە كۈنلەردىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى، خاتىرجەم بولالمايدىغان ئائىللەرگە نىسبەتەن «بىرگە بىر» تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش تەشۋىقاتى ۋە «قانۇن- تۈزۈم ئارقىلىق ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى»، «ھەقىقى مۇسۇلىمان قانداق بولىدۇ؟»، «دىنى زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتى»، «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى توغرىسىدا» قاتارلىق تىمىلاردا لىكسىيە سۆزلەش، «ئەسەبىيلىك »نى يوقۇتۇشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان مەدەنىيەت- سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق دىھقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرنۇشى بىيىتىلىپ روھى كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئاپتۇنوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەنىڭ « ئاجىز چىچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتى» نى تۈزەپ تەرتىپكە سىلىش، «يۇلتۇز دەرىجىلىك» پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ بەنزە ئەزالىرىنى تەربىيلەش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاكىتىپلارنى تەربىيلەش، زاپاس كادىرلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ كەنت پارتىيە ياچايكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  سۈرەتتە: مەكتەپ مۇدىرى مەمەتجان ئەيسا(ئوڭدا) كەنت باشلانغۇچ مەكتىۋىگە پاراكتىكا بازىسى ۋېۋىسكىسى ۋە ماددى بۇيۇم تەقدىم قىلماقتا

  سۈرەتتە: خىزمەت گورۇپپىسى ئەزاسى تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا

  سۈرەتتە: مەكتەپ سەنئەت ئەترىتى كەنتكە كىلىپ ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە

  سۈرەتتە: دىھقانلارنىڭ يازلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملىشىش

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى