خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جۇڭگو . قۇمۇل« شېرىن سەپەر » 12 - نۆۋەتلىك قۇمۇل قوغۇن بايرىمى 20-ئىيۇل قۇمۇل شەھىرى قوغۇن باغچىسىدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك قۇمۇل قوغۇن بايرىمى« شېرىن قوغۇن • مەدەنىي قۇمۇل » نى باش تېما قىلغان، 150 خىل قوغۇن ساياھەتچىلارنىڭ تاماشا قىلىشىغا سۇنۇلغان. قوغۇن مۇسابىقىسى، قوغۇن ئويمىچىلىق مۇسابىقىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى قاتارلىق 13 تۈرلۈك ئاجايىپ رەڭدار پائالىيەت تەسىس قىلغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ نۆۋەتلىك قوغۇن بايرىمى 22-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى