خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئىرانلىق ئايال فوتوگراف موتلاق ئۇزۇن مۇددەت مالايسىيادا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، مالايسىيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ۋەتىنى ئىرانغا قارىتا بىتەرەپلىمە قارايدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ ئىرانغا قارىتا ئەمەلىي چۈشەنچىسى كەمچىل ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەتىنىگە قايتىپ دادىسىنى يوقلىغاندا، فوتوگرافىيە ئارقىلىق ئىراندىكى ئاتا ۋە قىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.
موتلاق ئوننەچچە كۈندە بۇ بىر تۈركۈم سۆرەتلەرنى تارتقان بولۇپ، سۆرەتلەر شەھەرلەر ۋە يېزىلاردا تارتىلغان. موتلاقنىڭ دېيىشىچە ئۆزىنىڭ نىشانى كىشىلەرگە «ئىراندىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئاتىلار ئۇنىڭ دادىسىغا ئوخشاش قىزلىرىنى تەربىيەلەپ، قىزىنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوللايدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى