خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيە قۇملۇق باشقۇرۇش رايونى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا ھۈسەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلغاندا قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى باسالمايلا قالدى. 12ياشلىق ئابدۇللا ھۈسەننىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى كېلىشى ئىدى. بالىلا بايرىمى كىلىش ئالدىدا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى«ۋاسىتىچى بولۇپ»، خەلقئارا باللا بايرىمىنىڭ ئالدىدا ئاۋات ناھىيە قۇملۇق باشقۇرۇش رايونى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئەخلاقتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى بولغان 32 نەپەر ئوقۇغۇچىنى يېزىدىن چىقىپ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈشكە تەشكىللىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى