باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەخمەتجان تۇرسۇننىڭ پۇتبول ئىشقى

2015.05.22 17:22   مەنبە: خەلق تورى

ئەخمەتجان تۇرسۇننىڭ پۇتبول ئىشقى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى، خەۋىرى)

  ـــ مەن پۇتبولغا بەك ئامراق، بۇرۇندىن بىر يۈرۈش پۇتبول ئوينىغاندا كىيىدىغان كىيىمىمنىڭ بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، بۈگۈن ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، بۇ كىيىم بەك چىرايلىق ئىكەن، بۇ كىيىمنى بىزگە سوۋغا قىلغان ئەخمەتجان ئاكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن،- دېدى ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلئەزىز قېيۇم 22 – ماي پەيزىۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015 – يىللىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە ماڭا.

  پەيزىۋات «قىزىل يۇلغۇن» دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش دېرىكتورى ئەخمەتجان تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 22 – ماي چۈشتە 600 مىڭ يۈەنلىك 12 مىڭ يۈرۈش تەنھەرىكەت كىيىمىنى شۇ كۈنى ناھىيەلىك قوشتىل باشلانغۇچ مەكتىبىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان پەيزىۋات ناھىيەسى 2015 – يىللىق ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ناھىيەلىك قوشتىل باشلانغۇچ مەكتىبى، غولتوغراق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى، ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نەق مەيداندا ھەدىيە قىلدى.

  ـــ مەن پەيزىۋاتنىڭ غولتوغراق يېزىسى ئاقئۆستەك كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىچىكىمدە ئائىلە شارائىتىمنىڭ ناچارلىقىدىن مەكتەپنى تۈزۈك ئوقۇيالمىغانتىم، كىچىكىمدىن پۇتبولغا ئامراقتىم، داڭلىق چولپانلارغا ئوخشاش پۇتبولچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن ئاخىرىدا بىر تىجارەتچى بولۇپ قالدىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئوقىتىپ راۋاج تېپىپ كۈنۈم ياخشى بولدى، كونىلاردا « سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەيدىغان گەپ باركەن، پۇل تاپقىنىمدا مەن بىر ياخشى ئىش قىلىپ يۇرتۇمدىكىلەرگە رەھىتىمنى بىلدۈرەي دىگەن ئۈمىددىدىم، «1 – ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، پەيزىۋات ناھىيەمىزدىكى 12 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ئارزۇسى دەل مېنىڭ ئارزۇيۇم. مېنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىم كەلگۈسىدە تېخىمۇ زور ئىشلارنى قىلىشقا، پۇتبول كۇلۇبلىرىنى قۇرۇپ، ۋەتەن، يۇرتىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشقا ئۈندەيدۇ،- دېدى ئەخمەتجان تۇرسۇن ماڭا.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…