خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 -ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ماي، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونىدا 2015-يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «دوستلۇق لوڭقىسى» مەشرەپ مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى ۋە 14 - قېتىملىق 100 كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدان پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
«دولان مەشرىپى»، «قەشقەر سەنىمى» قاتارلىق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەيدان ئۇسسۇلى مەھەللە ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى.تۈرلۈك ياش قاتلىمىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئۇچىسىغا چىرايلىق كىيىم كىيىپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا ساداسىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن» ، «ياشلىق ئۇسسۇل مېلودىيەسى»، «شەھەر كېچىسى» قاتارلىق ئېسىل كۈيلەرەگە ئوينالغان ئۇسسۇللار ئاجايىب گۈزەل تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.
يەنە، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتلانغان نادىر ئۇسسۇللارمۇ ئوينالدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى