خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، جەنۇبىي دېڭىز فلوتى مەلۇم قۇرۇقلۇققا چىقىش تارماق فلوت ئەترىتى جىڭگاڭشەن فلوت پاراخوتى كومىسسارى خۇ جىخاۋ تەڭرىتاغدىن كەلگەن خۇشاللىنارلىق خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدى. تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، جىڭگاڭشەن پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر قىزى ئاسىيە ئىدى. ئاسىيە ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشتىن كېيىن قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ، شەرەپلىك ھالدا تەڭرىتاغدىكى قوغدىغۇچى بولغانلىقى ئېيتتى.
ئاسىيە ئەسلىدە جىڭگاڭشەن ھەربىي پاراخوتىدىكى تېلېگراف ئىشلىرى ئەسكىرى ئىدى. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرى، 20 نەپەر ئۇيغۇر قىزى چاقىرىق بويىچە ئەترەتكە كىرىپ، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن جەنۇبىي دېڭىزغا كېلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئايال ئەسكەرلىرى بولۇپ قالدى. ئاسىيەمۇ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. 2012-يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا، ئۇ باشقا تۆت نەپەر سەپدىشى بىلەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك كەسپىي تېخنىكىلىق تەربىيەلىنىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇنىۋېرسال ھەربىي پاراخوت ئەزاسى بولۇپ ياخشى ئىشلىدى. 2013-يىلى 8-ئايدا، ئۇلار ئەدىن قولتۇقىدا 15-تۈركۈمدە دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. قوغداش جەريانىدا، ئاسىيەنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم ئۈچىنچى دەرىجىلىك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ مۇكاپاتلاندى.
خۇشاللىنارلىق خەۋەر بولا ئەمەس، ئاسىيە بىلەن بىرگە سەپتىن قايتقان ئاينۇر، نۇربىيەلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللىلىرىدە خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ؛ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن قىز ئايتولۇن ھازىر داليەن ھەربىي پاراخوت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋېتىپتۇ.
بەش تال «تەڭرىتاغ قار لەيلىسى» ھەممىسى ئايرىم ـ ئايرىم ئېچىلدى، پۈتۈن كېمىدىكى ئوفىتسېر –ئەسكەرلەر ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى