مىچىچىغ يېزا ئولپاڭ كەنتىدىدىكى 100 كۈنلۈك مەيدان پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: 29-ئاپرېل باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-كىنو-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ناھىيە بازىرىدا 2015-يىللىق «100 كۈنلۈك مەيدان پائالىيىتى» باشلانغاندىن بۇيان، ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنت، ئىجتىمائىي رايون ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە 2015-يىللىق 100 كۈنلۈك يۈرۈشلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زامانىۋى ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئىرادىسى كۇچەيتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، باي ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلغان بۇ يىللىق 100 كۈنلۈك يۈرۈشلۈك مەيدان پائالىيىتى ئۆكتەبىر بايرىمىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ناھىيە بازىرى ۋە 16 يېزا-بازار (مەيدان)، 162 كەنت، 200 دىن ئارتۇق ئىدارە-ئورگان ھەم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىجتىمائىي رايونلاردا 400 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى