باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى جەننەت ـ قاناس(1)

2015.05.15 14:41   مەنبە: خەلق تورى

ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى جەننەت ـ قاناس(1)

  ئالتايدىكى قاناس مەنزىرە رايونى ــ قاناس كۆلى شىنجاڭ ئالتاي رايونى بۆرچىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى داڭلىق تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، ئالتاي تاغ تىزمىلىرىغا جايلاشقان. كۆلىمى 45.73 كۋادرات كلومتېىر. كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 120 مېتىر، ئەڭ تىرەن جايى 188.5 مېتىرغا يېتىدۇ، ساقلانغان سۇ مىقدارى 5 مىليارد 380 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. كۆلنىڭ سىرتقى شەكلى قارىماققا ھىلال ئايغا ئوخشايدىغان بولۇپ، رىۋايەتلەردە قاناس كۆلىدە ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدىغان، غەلىتە مەخلۇق بار دەپ قەيت قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ غەلىتە مەخلۇقنى گۆشخور بېلىق ياكى تايمېن بىلىقى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان، لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىيالمىغان. بۇ كۆلنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ. تۆت ئەتراپى ياپيېشىل.

  قاناس مەنزىرە رايونى گۈزەل بولۇشتىن سىرت، يەرلىكتىكى كىشىلەر ئارىسىدا «غەلىتە كۆل» توغرىسىدىكى رىۋايەت نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، قاناس كۆلىدە غايەت زور غەلىتە مەخلۇق بولۇپ، تۇرۇپ پەيدا بولۇپ، تۇرۇپ يوقاپ كېتىدىكەن، قۇياش يېڭى كۆتۈرۈلگەندە ياكى شەپەق پەردىسى يېيىلغاندا، پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ياكى قاناس كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بېلىق كۆزىتىش راۋىقىغا ئولتۇرغاندا تەلىي كېلىپ قالسا غەلىتە مەخلۇقنىمۇ كۆرۈۋالالالايدۇ.

  قاناس كۆلى رايونى ئەتراپىدا سەيلى قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاھالىلەر، تۇۋالار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، بىراق تارىخى ئۇزۇق. تۇرمۇش، ئۆرپ ـ ئادەت، چىراي تۇرقى، بەدەن قۇرۇلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن، ئۇلار موڭغۇللارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ شۇنداقلا موڭغۇللار بىلەن تويلىشىش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. شۇڭلاشقا جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىەغان ئالىملار ئۇلار موڭغۇل مىللىتىگە تەۋە قىلىدۇ؛ بىراق تۇۋالارنىڭ يېزىقى بولمىغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىمۇ يوق، نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز، شۇڭلاشقا تۇۋالارنىڭ مىللىي تەۋەلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت.

  تۇۋالار تاغلىق ئورمانلىقلاردا ياشايدىغان بولۇپ، پادىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئۇلار «بولۇتلار ئارىسىدىكى قەبىلە»دەپ نام ئالغان. ئىلگىرى سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن، ئۇلار قەدىمكى قەبىلىنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلاپ قالغان.

  http://gb.cri.cn/42071/2014/05/20/6931s4548187.htm

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…