بوغدا كۆلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى تەۋەسىدە بولۇپ، ئېگىز تاغدىكى كۆلنى مەركەز قىلغان ساياھەت رايونى. تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 544 مېتىر ئېگىز بولۇپ، قىش ـ ياز قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1900 مېتىر ئېگىز. كۆل بويىدىكى قويۇق ئورمانلار، ياپيېشىل ئوت ـ چۆپلەر بۇ يەردە ئاجايىب گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغان. جۇڭگو دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2013-يىل 5-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بوغدا كۆلى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قاتارىغا كىردى.
ھاۋا كىلماتى
بوغدا كۆلىنىڭ كىلىماتى تىپىك چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇرغاق، كۈننىڭ يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، ھۆل ـ يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق ھۆل ـ يېغىن مىقدارى ئارانلا 20-100 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بولسا 100-500 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 10-13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ 10 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 48.9 سېلسىيە گرادۇسقا، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا كۆكتوقايدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ نۆلدىن تۆۋەن 51.5 سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ.
1990-يىل 8-ئايدا، ب د ت مائارىپ، پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، بوغدا كۆلى مەركەز قىلىنغان بوغدا چوققىسى «خەلقئارا ئادەم ۋە تەبىئەت بىئولوگىيە چەمبىرىكى قوغداش رايونى» قوغداش تورى قۇرۇلغان، بۇ رايوننىڭ كۆلمى 1600 كۋادرات كىلومېتىر.
1993-يىلى، دۆلەت قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «تەڭرىتاغ بوغدا كۆلىدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە پىلانى» تەستىقلانغان.
2000-يىلى، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ باھالانغان، بوغدا كۆلىدىكى ئىككى لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، بوغدا كۆلى ـ داۋانچىڭ ـ تۇرپان ساياھەت لىنىيەسى شەكىللەنگەن.
2004-يىلى جۇڭگو نەملىك يەرلەرنى قوغداش رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 2007-يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن 5A دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
2006-يىل 2-ئايدا «يەر شارى ساياھەت گېزىتى» قاتارلىق 31 ئۆلكىدىكى شەھەر گېزىتلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا «چەتئەللىكلەر بېرىشقا تېگىشلىك جۇڭگودىكى 50 جاي»نىڭ بىرى قىلىپ باھالانغان.
2006-يىل 12-ئايدا خەلقئارا ساياھەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى 15«ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىرە رايونى»بولۇپ باھالانغان.
2007-يىلى بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.
2013-يىلى دۇنيا مەدەنىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.2014-يىلى 16-ئىيۇل، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تورىدا «4- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىنىڭ تۈر تەۋسىيە قىلىش تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىنىپ، شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىلتىماس قىلغان «ئوماي ئانا رىۋايىتى» مەزكۇر تۈر تىزىملىكىگە تاللانغان.
2014-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ساياھەتچىلەرگە مايا تېغى قانىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.
2014-يىل 3-سىنتەبىر، «تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى» ماقۇللانغان.
5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سۈپەت دەرىجە سېستىمىسى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەملىكەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايون دەرىجە سۈپىتىنى باھالاش كومىتېتى 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئارىسىدىن باھالاپ بېكىتكەندىن كىيىن، شەكىللەنگەن ساياھەت رايونى سۈپەت دەرىجىسى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئۆلچىمى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانىي تۇيغۇغا شۇنداقلا ئىنچىكىلىشىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل رەتلىگەن)