خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رىشتە كەشتىچىلىك-تىككۈچىلىك كارخانسىنىڭ مەسئۇلى مېيىپ ئايال پاتىگۈل تۇردى ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە تيەنمېننىڭ سۆرىتىنى90cm x160 چوڭلۇقتىكى يېپەك رەختكە قول بىلەن كەشتىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا تەييارلىدى.
پاتىگۈلنىڭ تونۇشتۇرشىچە، بۇ سوۋغا ئۆكتەبىردە ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
سۆرەتتە: 10-ماي پاتىگۈل تۇردى (ئوڭدىن 3-كىشى) شاگىرتلىرىغا ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەييارلىغان سوۋغىنى كۆرسەتمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى