باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب سەنئەت پەسلى ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

2015.05.08 15:57   مەنبە: خەلق تورى

لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب سەنئەت پەسلى ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىزغىنلىققا تولغان نىقاپ ئۇسسۇلى، نەپىس بالىت ئۇسسۇلى، تەبئىي گۈزەللىككە تولغان چىلى چەكمە مۇزىكىلىرى... ھەرخىل ئارزۇ-ھېسلارغا تولغان باھار پەسلىدە سەنئەت تەسىراتلىرىغا تولغان لاتېن ئامېرىكىسى ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  7-ماي كەچتە، 15-نۆۋەتلىك «بېيجىڭدا ئۇچرىشىش» سەنئەت بايرىمى لاتېن ئامېرىكىسى ۋە كارب سەنئەت پەسلى ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدىكى مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا باشلاندى. ئارگېنتىنا، كۇبا، كولۇمبىيە، پېرۇ، چىلى ۋە كوستارىكادىن كەلگەن سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي لاتىن ئۇسسۇلى ۋە مۇزىكىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا سەنئەت سېھرىي كۈچىگە باي لاتېن ئامېرىكىسى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت گوروھى شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ناخشىنى بىر گەۋدە قىلغان سەنئەت زىياپىتى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئوخشىمىغان مىللىي ئالاھىدىلىكلەر، ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىدىكى 9نومۇر تاماشىبىنلارغا تەقدىم قىلىنىپ كۆپچىلىكنى لاتېن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كىردى. ئارگېنتىنا كولۇن تىياتىرخانىسى بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكىنىڭ نەپىس تانگو بالېت ئۇسسۇلى قاتارلىق نومۇرلار كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى.

  بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل كېچىلىكى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى، مىللەتلەر تىياتىرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. نەپىس لايىھەلەنگەن سەھنە، چىراغ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى ۋە مۇزىكىلار تاماشىبىنلارغا مىسلىسىز يېڭىلىق ۋە مۇكەممەل سەزگۈنى ھېس قىلدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…