خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرپان تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئېسىگە كېلىدىغىنى «غەربكە ساياھەت»تىكى يالقۇنتاغ، سۈرەتتەك گۈزەل بۇيلۇق، سۇلىرى بۇلاق سۈيىدەك پاكىز ھەم سۈزۈك بولغان كارىز، ئۆزگىچە ئۇسلۇبلۇق سۇلايمان پادىشاھ مۇنارى، يەنە باھار ھىدى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى. بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز تۇرپان تەسىراتلىرىنى قالدۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىلا، تۇرپان غەربىي يۇرتتىكى بىر گۆھەر ئىدى. بۇ سىرلىق زېمىندا، ئىلگىرى گۈللەنگەن ئىككى قەدىمىي شەھەر ـ يارغول ۋە ئىدىقۇت خانلىقى قۇرۇلغان. بۈگۈنكى كۈندە گەرچە بىز بۇ جايلارنىڭ گۈزەل قىياپەتلىرىنى كۆرۈشكە ئامالسىز بولساقمۇ، بىراق بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ھەيۋەتلىك خارابىسىدىن بىر ئەينى يىللاردىكى ھەيۋەتلىك قەسىرلەرنى قىياس قىلالايمىز.