باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى(1)

2015.05.07 14:01   مەنبە: خەلق تورى

يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5-ماي كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭشەھەر يېزىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ يارىشىملىق بادام داپپا، چىمەن دوپپا، گۈللۈك دوپپا، ۋە بىر چىرايلىق ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيىشىپ، بىر-بىرىگە سالام بېرىشتى. شۇ كۈنى مەكتەپلەر سىنىپ مەسئۇللىرى، ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، ۋە تۈرلۈك ئەدەبىي سەنئەت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ كۈننى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلۇقلىدى.تەۋسىيە، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى خەلقئارا دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى، بۇ يىل دوپپا بايرىمىدا ھەممىنىڭ بېشىدا چىرايلىق بادام دوپپىلار، چىمەن دوپپىلار بولغۇسى! بىز كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىغا بولغان چۈشىنىشى، ئەھمىيەت بېرىشىنى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسىنى قەدىرلەپ كىيىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى تولىمۇ خىل بولۇپ، بىر بىرىدىن چىرايلىق، دوپپىمىز بىزگە تولىمۇ ياراشقان، بۇ مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىموۋوللىرىدىن بىرى دۇنيا مەدەنىيەت دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ، تۇرغان ئەزىم دەريا، قەدىرلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى. چىرايلىق دوپپىڭىزنى توپا بېسىپ كەتمىسۇن.سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئېلىپ بارغان، 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا

  سۈرەتتە: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …