خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1977-يىلى رېژىسسور جورجى لۇكاس «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىدى. بۇ فىلىم ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇشى، ئاتا-بالا ئاداۋىتى، قەھرىماننىڭ ساھىبجامال قۇتقۇزۇشى، جانبازلارنىڭ دوئىلغا چۈشۈشى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي ئېلىمىنتلارنى مۇكەممەل بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكا ۋە نۇر تەسۋىرى بىلەن بېزەپ، تارىختىكى داڭلىق فىلىمنى بارلىققا كەلتۈردى.
30 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يۈرۈشلۈك فىلىم پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشلاندى، فىلىمدىكى باش پېرسوناژلار نۇرغۇن كىنو مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 4-ماينىڭ ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزى ئېنگىلىزچە «ئىلاھىي قۇدرەت سەن بىلەن بىرگە» دېگەن سۆز بىلەن ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈننى كىنو مەستانىلىرى دۇنيا بويىچە «پىلانتلار ئارا ئۇرۇش» كۈنى قىلىپ بېكىتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى