خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2015- يىللىق« يۈز كۈنلىك» مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى 1- ماي كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا باشلاندى . ئىگىلىنىشچە ،« يۈز كۈنلىك» مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتەبىرنىڭ .وتتۇرلىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ناھىيە بازىرىدا ،ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە – ئورۇنلار ۋە تۆت كوچا ئىش باشقارمىسىغا قاراشلىق 34 مەھەللىلەر سەنئەت ئەتىرەتلىرى تەييارلىغان سەرخىل سەنئەت نۇمۇرلىرى كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا، يېزا ، بازارلارنىڭ « يۈز كۈنلىك» مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى يېزا ، بازار ھەم كەنت دەرىجىلىك سەنئەت ئەتىرەتلىرى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركەزلىرىدە سەر خىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئۇرۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىشقا تۈرۈتكە بولدىكەن .
سۈرەتتە: كۇچا ناھىيەسىنىڭ 2015- يىللىق« يۈز كۈنلىك» مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمدىن كۈرۈنۈشلەر .
مۇخبىر : (كۇچا ناھىيەلىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى