باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «يېپەك يولى مەلىكىسى» بېيجىڭدا ئوينالدى

2015.04.30 15:51   مەنبە: خەلق تورى

چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «يېپەك يولى مەلىكىسى» بېيجىڭدا ئوينالدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارىنانىڭ ئاتا-ئانىسى ئىتالىيەلىك شەرقشۇناسلار بولۇپ، كارىنامۇ شەرق مەدەنىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. بىر كۈنى ئۇ كۆرۈشكە بولمايدىغان بىر كىتابنى ئاچقاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئۆتمۈشكە قايتىپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭ ئاجايىپ بىر ساياھەت باشلاندى.

  يۇقىرىقىسى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «يېپەك يولى مەلىكىسى»نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى بولۇپ، يېپەك يولى تېمىسىدىكى تۇنجى چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق-ئۇسسۇلۇق تىياتىر «يېپەك يولى مەلىكىسى» 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۇدا ئۈچ مەيدان قويۇلدى. تىياتىر «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاۋاز قوشۇپ، دۆلەتلەر، مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى مەدھىيەلەيدىغان چوڭ تىپلىق مۇزىكىلىق-سۆرەتلىك، ئۇسسۇللۇق تىياتىر.

  تىياتىردا ئىتالىيەلىك شەرقشۇناسنىڭ قىزى كارىنا يېپەك يولىغا بولغان قىزىقىش تۈرتكىسىدە سىرلىق بىر قەدىمىي كىتابنى ۋاراقلاپ، تۇيۇقسىز قەدىمگە قايتىپ قالىدۇ، ھەمدە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان خىسلەتلىك مارجاننى ئىزدەش ئۈچۈن، پېرسىيە، غەربىي يۇرت، روسىيە، ھىندىستاننى بېسىپ ئۆتۈپ، چاڭئەنگە بارغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. تىياتىردىكى نەپىس ئۇسسۇل، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى چامباشچىلىق، ئىنسانلار قەلبىدىكى مېھىر-مۇھەببەت كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

  تىياتىر «خىسلەتلىك مارجان»، «قۇملۇقتىكى قەھرىمان»، «گۇمپا سىنىشىپ تويلىشىش»، «چاڭئەنگە قايتىش چۈشى» ۋە «جۇڭگو ئارزۇسى» قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ياش ئاكتيور غاپپارجان، ئۇسسۇل ماھىرى رەھمىتۇللا قاتارلىقلار ئاساسلىق روللارنى ئالدى، جۇشقۇن ۋە مەردانە دولان ئۇسسۇلى، نەپىس چىنە ئۇسسۇلى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئۇسسۇللىرى نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…