خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» تورىنىڭ 13-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ھەربىي تەرەپ يېقىندا ئايال ئەسكەرلەر گۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ياشلارنىڭ ھەربىيلىككە قاتنىشى قىزغىنلىقىنى قوزغىماقچى بولغان. 123نەپەر ئايال ئەسكەر نامزاتىنىڭ سۆرەتلىرى تورغا چىقىرىلغان، ئامما 5-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن توردا بېلەت تاشلىسا بولىدىكەن، بېلەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئايال ئەسكەر يېڭىپ چىقىدىكەن. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنى ئەسكەر بولۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى بولامدۇ، يوق، يەنە بىر مەزگىل كۈزىتىشكە توغرا كېلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى