باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(14)

2015.03.18 09:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ياسىمىچىلىق بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈكىمىز، بىز «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىن تىپ ئۆزگەرتىشتە، ئاساسنى كۈچەيتىشتە ۋە يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە تېز يۈرۈش قىلىمىز. مالىيە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، ئامورتىزاتسىيەنى تېزلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۈچەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كۈچەيتىش، قىسقارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى قىسقارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پەسەيتىمىز، كارخانىلارنىڭ قوشۇلۇپ قايتا تەشكىللىنىشىنى قوللايمىز، بازار رىقابىتى داۋامىدا ياخشىلىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللايمىز. سانائەتلىشىش بىلەن ئۇچۇرلىشىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، تورلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بەزى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.گۈللەنمە كەسىپ ۋە گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى — رىقابەتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى. بىز يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، ئۇچۇر تورى، توپلانما توك يولى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورىگەرلىك، ئاۋىياتسىيە موتورى، گاز تۇرۇبىنىسى قاتارلىق چوڭچوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ يېتىلدۈرىمىز. «ئالاقە تورى+» ھەرىكىتى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالاقە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، بۈيۈك مەلۇمات، ئەشيا ئوبوروت تورى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋى ياسىمىچىلىق بىلەن بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئېلېكتىرونلۇق سودا، سانائەت ئالاقە تورى ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، ئالاقە تورى كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازارنى ئېچىشقا يېتەكلەيمىز. دۆلەت گۈللەنمە كەسىپلەردە ئىگىلىك تىكلەشكە 40 مىليارد يۈەن سېلىنما يېتەكچى فوندى تەسىس قىلدى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ توپلاپ، ئىگىلىك تىكلەش، كەسىپلەر ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىمىز.

  مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىدە ئىش ئورنى كۆپ، بۇ ساھەنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. بىز مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتئېچىۋىتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مالىيەباج، يەر، باھا قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سىياسىتى، شۇنىڭدەك مائاشلىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ساياھەتچىلىك، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، ئىجادىيەت لايىھەلەش قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرش مۇلازىمەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئوبوروت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش، ساقلاش ۋە سوغۇق ساقلاش قاتارلىق چوڭ

  چوڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تىرىشىپ زور ھەجىمدە تۆۋەنلىتىمىز.تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەنتېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئادەم — يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. پەنتېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدا باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پاي ھوقۇقى ۋە پايدا تەقسىماتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەنتېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك كەشپىياتقا دائىر قانۇنتۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى نەتىجە مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز. پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، پەنتېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش، ئۇنۋان باھالاش، دۆلەت مۇكاپاتلاش تۈزۈملىرىنى ئىسلاھ قىلىمىز، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەئورۇنلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىلغان ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چەت ئەلدىن سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچلەرنى كىرگۈزىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسى ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھوقۇققا دەخلىتەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىجادىيەتنى راۋاج تاپقۇزىمىز.

  كارخانا — تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى. بىز كارخانىلارنىڭ تەتقىقاتكەشپىيات چىقىمىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش، يۇقىرىيېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يۆلەش قاتارلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە رىغبەتلەندۈرىمىز. كارخانىلارنىڭ چوڭچوڭ پەنتېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، پەن تەتقىقات سۇپىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ماكانىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈلگە رايونلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، دۆلەتلىك يۇقىرىيېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنى توپلاشتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئوتتۇراكىچىكمىكرو كارخانىلار نىنى ئىشلارنى قىلالايدۇ، بىز ئۇلارنى ئوبدان تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، ئۆز جايىدا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز.

  يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە پەنتېخنىكا بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەش ھەممىدىن مۇھىم. بىز مەركەز مالىيەسىنىڭ پەنتېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت پەنتېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ئاشكارا بولغان، بىرلىككە كەلگەن باشقۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئۇل تەتقىقات، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە چوڭچوڭ ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم چوڭچوڭ پەنتېخنىكا تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇپ، چوڭچوڭ پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئەسۋابلىرىنى جەمئىيەتكە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىدۇ. يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەقىلپاراسىتىنى جارى قىلدۇرىدىغانلا بولساق، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىنى جەزمەن پەيدا قىلالايمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر