بىر ئەر ئۆيىنىڭ سىرتىدىكى قار ئۈستىدە تۇرۇپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئاھالىلەر بىلەن قول ئېلىشماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىليە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە پايتەختى رىمنىڭ 200 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان كاپراكوتتا كەنتىدە 5-مارت قاتتىق قار يېغىپ، بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆپ قار يېغىش رىكورتى ياراتقان. 18 سائەت ئىچىدە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 2.4 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن، پۈتۈن كەنت قاردا كۆمۈلۈپ كېتەي دېگەن. نۇرغۇن ئاھالە ئامالسىز ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۆيگە كىرىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ھەم قار تېيلىش تاختىسى بىلەن سىرتقا چىققان.
كەنت باشلىقى ئانتونىئو موناكو «بۇ ماڭا ھەيرانلىق ھېس قىلدۇردىغان غەلىتە مەنزىرە. كەنتنىڭ بەزى رايونلىرىدا قار قارىماققا ئۇزۇن ئاق تامغا ئوخشايدۇ. ھازىر قىيىنچىلىق دەۋرى، ھەممە ئادەم چوقۇم بىر نىيەتتە بولۇشى كېرەك، بىز ئۆيىدىن چىقىشقا ئامالسىز قالغان ياشانغانلارنىڭ يېمەكلىك ۋە دورىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك»دېدى.
بىر قىسىم سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاھالىلەر تازىلىغان قار دۆۋىسىنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە مېتىرغا يەتكەن، ئۆينىڭ سىرتىدىكى قار ئۈستىدە تۇرۇپلا ئىككىنچى قەۋەتتىكى دېرىزە تۈۋىدە تۇرغان ئادەم بىلەن قول ئېلىشقىلى بولىدۇ. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كاپراكوتتا كەنتى ئىتالىيەدىكى ئالپىس تېغىنىڭ ئەتراپىدا ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1421 مېتىر بولغان ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككىنچى ئېگىز راينن، ناھايىتى ئاسانلا قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
تارىختا بىر كۈندە ئەڭ كۆپ قار ياغقان يەر ئامېرىكىنىڭ كولورادو شىتاتىدىكى كۈمۈش كۆل بولۇپ، 1921- يىلى بىر كۈندە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 1.93 مېتىرغا يەتكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى