17-يانۋار جۇ جيېلۈن بىلەن كۇن لىڭ ئەنگلىيەنىڭ سېلبى چېركاۋىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، كۈن لىڭنىڭ دادىسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ قىزىل پاياندازدىن مېڭىپ، ئۇنى جۇ جيېلۈنگە تاپشۇردى. ئىككى نەپەر باستېرنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئىككىيلەن ئۆزئارا ئۈزۈك ئالماشتۇرۇپ، قەسەم بېرىپ، ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشىنى تاماملىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى: جۇ جيېلۈن توي مۇراسىمى ئۈچۈن بىر مۇزىكا ئىشلىگەن بولۇپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا تېخىمۇ رومانتىك تۈس قوشقان.