شىنجاڭ ياشلىرىنى روھلاندۇردىغان « گۈل قىز بار»تېمدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى 21-يانۋاردىن باشلاپ كۆرسىتىلىدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى رەيھانگۈلنىڭ چىن ئىش ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىگەن ئالتە قىسىملىق « گۈل قىز بار»تېمدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى 21-يانۋار كەچ سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە،قازاقچە قاناللىرىدا تەڭ ۋاقىتتا قويۇلىدۇ. « گۈل قىز بار»تېمدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ چىن ئىش ئىزلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىر پارچە ياشلارنى روھلاندۇردىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، رەيھانگۈل يېڭى زاماندىكى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇپ،17يېشىدىلا ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا تىزىملانغان، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىغا ئىشلىگىنى باردى. بۇ جەريانىدا،ئۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، تېخنىكا ماھىر بولۇپ چىقتى.ئۇ ئاكىتىپلىك بىلەن بىلە ئىشلەۋاتقان شىنجاڭلىق ئاچا-سىڭىللارغا ياردەم قىلىپ،ئۇلار بىلەن تىل،يېمەك-ئىچمەك،تېخنىكا،مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق قىيىن ئۆتكەلنى بىرلىكتە يىڭىپ، ھازىرقى زامان كارخانىدىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى