مەن ياڭ شۆفېي، 85 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. 2010 – يىلى ئىلىدىن قەشقەر ئالاھىدە رايونىغا ئىگىلىك تىكلىگىلى كەلگەن، قەشقەردە قوي گۆشى چۈچۈمەل شورپىلىق چۈچۈرەخانىسى ئاچتىم. ھازىر 8 خىزمەتچىم بار، تۇمشۇق شەھىرىدە بىر تارماق دۇكىنىم بار، خېرىدارلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى مېنىڭ ئۆيۈم بار بولدى، بۇ يىلى تېخى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرىمەن.