مەن ئابدۇرېھىم تۇرغۇن، قەشقەر شەھىرى قوغان يېزىسىنىڭ 3-كەنتىدىن، يېنىمدىكىسى مېنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان نەۋرەم. ئۇ 5 ئايلىق بولغاندا ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدۇق، نۇرغۇن دوختۇرنى ئىزدىگەن بولساقمۇ داۋالىيالمىدۇق. نەۋرەمگە قارىسام ئىچىم سىيرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا مەن كېسەل بولسام بولمامدۇ، دەپ كېتىمەن، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. (جاڭ يى فوتوسى)