تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 29-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىدا ‹‹مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش›› پىرىنسىپى ئاستىدا، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنىپ، نېفىت-خىمىيە، كۆمۈر سانائىتى، پولات ماتېرىياللىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، رەڭلىك مېتاللار، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدا توك باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئەۋزەللىك جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۇقۇلما كىيىملەر، ياسىمىچىلىق، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي يىغىندا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى غانىبات سابۇقاي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.