باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ گېزىتى باھالاپ چىققان 2014-يىللىق شىنجاڭدىكى ئون چوڭ خەۋەر(1)

2014.12.31 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى

  خەۋەر تەپسىلاتى: ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈچنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇجەسسەملەش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلاندى. يۈرۈشلۈك پائالىيەت تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى، 10 مىڭ ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايون ئىككى يىلدا 888 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلىرىگە مەدەت بەردى، بۇ يىل 35 مىڭ 500 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. 5-قېتىملىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتىگە 61 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، 25 خىل 150 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويۇلدى. 74 مىڭ 759 كادىر ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە ئاتلىنىپ، زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر