باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر

ئەسلىمە ۋە تىلەكلەر

2014.12.31 14:28   مەنبە: خەلق تورى

ئەسلىمە ۋە تىلەكلەر

  شۇنداق، ھەممىلا يەردە يېڭى يىللىق يېڭى كەيپىيات، ھەمملا جايدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يېڭلىقلار، ھەممىلا جايدا يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە ھىس تۇيغۇلار. يېڭلىققا بولغان ئىنتلىشلار. قەلىبىم ماڭا سوراق قويۇشقا باشلدى. سىز يېڭلىقنى ياخشى كۆرەمسز؟ ئەلۋەتتە. لىكىن ئۇنىڭ قانداق يېڭىلىقلىقغا قارايمەن-دە. باشقىلار تەرىپىدىن كونىلققا ئايلانغان، شاللىۋىتىلگەن نەرسە مەڭگۈ مېنىڭ تاللىشىم ئەمەس.ـــــ توققۇزتارا ناھيىلىك رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىدارسىدىن مۇيەسسەر خېلىل


 

 

 

شايىدىن

بېيجىڭ لىبېييا قۇرۇلۇش، بېزەش ئىنژېنېرلىق چەكلىك شىركىتى لايىھەلەش تەتقىقات ئورنى ئالتىنچى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى، ئىسلام بىناكارلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى

بۇ يىل ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن نەتىجىلىك بىر يىل بولدى. ئۆزۈمنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن مەن دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلۇمنى ئۆستۈردۈم. مەن يەنە ئەنگلىيە لوندون سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشتىم. ئۇنىڭدىن باشقا مەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم»ناملىق كىتابقا تاللاپ كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشتىم، يېڭى بىر يىلدا مەن تېخىمۇ تىرىشىمەن.

ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى، ئىسلام بىناكارلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى شايىدىن

 


 


  جەسۇر تۇرسۇن

  دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رېژىسسور، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئىجادىيەت-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيەت-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىيېڭى يىل قەدەھلىرى كۆتۈرۈلمىگەن، يېڭى يىل قوڭغۇراقلىرى تېخى چېلىنمىغان بۇ دەقىقىلەردە، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلغا بەخت تىلەيلى، يېڭى بىر يىل خوشاللىق، ئىناقلىق ۋە بەخت ئىچىدە ئۆتسۇن!

 


 


  دىلنۇر ئېلى

  ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسى

  يېڭى يىل يېڭى باشلىنىش......ھاياتنى سۆيۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك. 2014-يىل ماڭا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، ھاياتىمدىكى مەزمۇنلۇق بىر يىل بولدى.....2015- يىلنىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن......كۆز نۇرۇم بولغان ئىككى ئوغلۇمنى ئوبدان تەربىيەلەشتەك ئانىلىق بۇرچۇم ھەر زامان يادىمدا ئەلۋەتتە.........

 


 



  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

  بۇ يىل مەن ئەڭ كۆپ ناخشا ئوقۇغان يىل بولدى: كېلەر يىلى ئارامغا چىقىدىغان بولغىنىم ئۈچۈنمكىن، شاگىرتلىرىم بىلەن كۆپرەك مۇڭدىشىۋالغىم، جىقراق پىكىر ئالماشتۇرىۋالغىم ۋە كېيىنچە ئەسلىمىگە يارىغۇدەك ئىلمىي ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلىۋالغۇم كېلىپلا تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەلدىم. شۇ ۋەجدىن، بۇ ئاخىرقى يىلدىكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىرىنى قىيماسلىق ۋە ئىپتىخارلىنىش گىرەلىشىپ كەتكەن بىر ھېسسىياتتا، بار ئىقتىدارىمنى ئايىماي سەرپ قىلىپ، ئەستايىدىل سۆزلىدىم؛ بىر ئۆمۈر سۆزلىگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۈچۈن، مەخسۇس بىر دەرس مارشى يېزىپ، ئۆزۈم ئاھاڭغا سېلىپ، شاگىرتلارغا ئۆگەتتىم.

 


 



  پەرىزات تۇردى

  يېتىلىۋاتقان ياش شائىرە

  سالماق قەدەمدە يېڭى يىل ئاتا
  تەبەسسۇم ئەيلەپ كەلمەكتە ئاستا
  مىسكىن غىرىبكە قىلماقتا خىتاب
  روھلۇق بول ، دەس تۇر! ئۈمىدلىك ياشا

 


 

  فۇ شياۋبو

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى

 

 


 


  زىۋىدە ئابدۇكېرىم

  شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پىسخولوگىيە دوكتورى، كاندىدات پروفېسسورى، مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئائىلە مائارىپى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاياللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي تەتقىقات ئەزاسى ـ

  2014-يىللىق ھايات مۇساپەمدىكى خۇشاللىق ھەم مۇۋەپپەقىيەتلەر بولسۇن ياكى قايغۇ ھەم مەغلۇبىيەتلەر بولسۇن 2015-يىللىق ھايات مۇساپەمنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالغۇسى، قېنى ھەممەيلەن ئوتتەك قەلبىمىزنى ئېلىپ دادىل قەدەملەر بىلەن 2015-يىلىغا ئاتلىنايلى

 


 

  ئابلىز غوجامنىياز

  تۇرپان گېزىتخانىسىدىن

  فوتوگرافلىق كەسپى ھاياتىم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ، 30 يىلدىن بېرى مۇشۇ مېھىرلىك ئوتتا كۆيۈپ كەلدىم. ئاپپارات كۆزىدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈش، ھەر بىر مەنزىرە مېنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ. مۇشۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، تارىخنى خاتىرىلەيمەن، تەبىئەتنى مەدھىيەلەيمەن، ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. 2014 - يىلىمۇ تاغ – دەريا، يېزا - قىشلاقلاردا ئىزلىرىم قالغان مېھنەتلىك بىر يىل بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىممۇ ئىنسانلار ۋە تەبىئەتكە مۇھەببەت باغلاپ ئۆتكۈسىدۇر.

 


 

  ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم

  تالانتلىق ياش شائىر

  كونا يىلنى ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئۇزاتتۇق، يېڭى يىلدا ئەزىز خەلقىمگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلار نېسىپ بولغۇسى

 


 

  ئۆمەرجان ئىمىن

  «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى

  مەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 2014-يىلىغا زادىلا قىيالمايمەن، سەۋەبى بۇ بىر يىلدا بىز شاھىد بولغان ئىشلار بەك كۆپ بولدى، نەشرىيات مەتبۇئاتچىلىق ساھەسىدە تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىشلار بولمىغىنى بىلەن ۋىلايەت ناھىيەلەرگە قەدەر بېرىپ كوللىكتىپ سورۇنلاردا نوتۇق، لېكسىيە سۆزلەش قىزغىنلىقى بىزنى خوش قىلدى، كارخانىچىلىرىمىزدىكى ئۇيۇشۇش ئېڭى، ئىستىقبال ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشلار ھەم خەير ـ ساخاۋەت پائالىيەتلىرى يارقىن بىر نۇقتا بولۇپ قالدى، تەنتەربىيە ساھەسىدە بەزى ئۈمىدلىك ئەزىمەتلىرىمىز خەلقئارا كۇلۇبلارنىڭ  نەزىرىگە ئىلىنغاندىن باشقا، بوكسىيورلۇق ساھەسىدىمۇ يېڭى ئەزىمەتلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. بىز 2014-يىلىنى يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇيالمايمىزكى، بۇ يىل 18-نويابىر خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىن ئەپەندى بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلۇشۇپ يۈرىكىمىزنى قان قىلدى.

 


 


  غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

  يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلار يار بولغاي

  بىز 2014- يىلىنى تۈگىتىپ، 2015- يىلىغا قەدەم قويۇۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە، ئۆتكەن بىر يىللىق ئۈمۈر بايانىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىپ، يېڭى باشلانغۇسى يىلىمىزغا پىلان تۈزۈۋاتىمىز. مۇشۇنداق خاسىيەتلىك دەملەردە، ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى، كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان، ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق تىلچىلىرىمىزغا يېڭى يىللىق سالاملار بولسۇن!

  تىل ئىنساننىڭ بايلىقى، يېزىقچىلىق، ئەدەبىيات- سەنئەت، تارىخىي ۋەسىقە، تەبىئىي پەن، سانائەت بىلىملىرى مۇشۇ بايلىق ئارقىلىق ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ. مۇشۇ بايلىقتىن قانداق پايدىلىنىش ھەر بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىگە، ئىدراكىغا، پايدىلىنىش دەرىجىسىگە باغلىق. بەزى ۋاقىتتا بۇ بايلىق ئىنساننىڭ بارلىقى بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئىنسان مۇشۇ بارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ تىركىشىدۇ. فىرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېتنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ناملىق ھېكايىسىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، فىرانسۇز تىلى شۇ ۋاقىتتا فىرانسۇزلارنىڭ بارلىقى بولۇپ ئىپادىلەنگەن.

  تىلچىلارنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى تەتقىق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. يېڭى تىلچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، قۇرۇلما تىلشۇناسلىقىدا تېخى ھەل بولمايۋاتقان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى تەسۋىرلەش جەھەتتە تېخى كەمتۈك ھالەتتە تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر، مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى جەھەتتە تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىنى تىل پاكىتلىرىمىز بويىچە يورۇتۇش مەسىلىلىرى، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق بويىچە ئۆز تىلىمىزنى باشقا تىللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش مەسىلىلىرى، تىللارنىڭ ئۇچرىشىشى داۋامىدا پەيدا بولىدىغان تەسىرلەر، قەدىمكى ۋەسىقىلەر تىلى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى تەتقىقاتىدىكى لېكسىكىلىق تەركىبلەرنى توپلاش ۋە رەتلەش، ئۇيغۇر تىلى فونولوگىيەسى تەتقىقاتى، تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش، چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش جەھەتتىكى مەسىلىلەر تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ئىزاھلاش، لۇغەتلەشتۈرۈش، چەتتىن قوبۇللانغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىش... قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر تىلچىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  يېڭى بىر يىلدا، تىلچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەلەر بويىچە ئىزدىنىشىنى، تىلىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تەر تۆكۈشىگە تىلەكداشمەن! ھەممىڭلارنىڭ 2015- يىلى (قوي يىلى)نىڭ قۇت- نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!

 


 

  ئەسقەر كۆك بۆرە

  ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! 2014-يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2015-يىلنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشى ھەم ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا يېقىندا ئېلان قىلغان 5-پىلاستىنكام «ئۇيغۇر» نى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 



 

  ئابلىكىم ئەمەت

  2014-يىلدا مەن بىپايان ئانا يۇرتۇمغا بېغىشلاپ ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىدىن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان جۇلالىق كارتىنىلارنى خاتىرلىدىم، سۈرەت ئالبومىم ئەنە شۇ ئۆتكەن يىللاردىن قالغان ئېسىل دۇردانىلەر بىلەن تولىۋاتىدۇ. ھەر يىلى يىل ئۆرۈلگەندە ئەنە شۇ ئالبومىمنى ۋاراقلىسام ئۆزۈمنى ئانا يۇرت جىسمىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كەشتە چېكىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.   ئىلنۇر

  بۇ يىلمۇ چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، نۇرغۇنلىغان يوقىتىش ۋە ئېرىشىش، پۇشايمان ھەم ئىنتىلىش، خۇشاللىق ھەم خاپىلىق، ھەممىسىگە سالاۋات...يېڭى يىلدا يېڭىچە كەيپىيات، ساغلاملىق ھەر ۋاقىت يار بولغۇسى

 


 


  ئابدۇكېرەم ئابلىز

  يىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە بىر يىلىم يەنە شۇنداق ئالدىراشلىق بىلەن ئۆتۈپتۇ،قانچىلىك چارچىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئەمما ھەر قېتىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىنوخانىلاردىن پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە نىڭ كومىدىيە خۇشاللىقى بىلەن ياكى مۇھەببەت سەپىرىدە نىڭ ئاچچىق رىئاللىقىدىن كەلگەن ئىزتىراپلىرى بىلەن چىقىۋاتقىنىنى كۆرسەم ،تاكى ھازىرغا قەدەربۇ ئائىلىگە قاراڭ نىڭ ئىخلاسمەن  كۆرۈرمەن، تاماشىبىنلىرىدىن ئۈزۈلمەي  كىلىۋاتقان تەشەككۈرلەرنى  كۆرگىنىمدە، يىپەك يولى ساداسىدا تاماشىبنلارنىڭ ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلىغىنىمدا قانچىلىك ھېرىش، قانچىلىك چارچاشمۇ ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ . شۈكۈرى، يىلنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە خەلقىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ ،تەڭ يىغلاپ تەڭ كۈلۈپ بىر يىلىم ئۆتۈپتۇ . بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىمىزدىمۇ، يېڭى بىر يىلىمىزدىمۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۆتۈشكە نىسىپ بولغاي .


 

       ئەزىز ئىمىر يانغىن

       مانا بۈگۈن 2015-يىل باشلىنىشقا ئۈچ كۈن قاپتۇ.  2014-يىل مەن ئۈچۈن ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا ئۇچرىغان،ئۆمۈر مەنزىلىمگە ئاساس سالغان،،ئازاپ،خوشاللىق،تېڭىرقاش،پۇشايمان ،ۋاز كىچىش، تاللاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە بىر قاتار جەريانلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن رەڭدار بىر يىل بولدى.  ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىمنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن  ئۆزۈم تاللىغان ئورۇنغا ئۆتتۈم .گەرچە ئۆزۈم بەك ئارزۇلاپ كەتمىگەن بولساممۇ، ئانامنىڭ ئارزۇسىنى،مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاز-تولا بولسىمۇئاقلىيالىدىم ،دىمەك بۇ بىر يىل مەن ئۈچۈن  مول ھۇسۇللۇق بىر  يىل بولدى. كۆڭلۈم ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر ھىسياتتا ، 2015- يىلنى قانداق  داۋاملاشتۇرىمەن؟ قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىمەن بۇ بىر سۇئال، پەقەت تىلەيدىغىنىم ئانامغا ئامانلىق، ئائىلەمگە بەرىكەت، ئۈزۈمگە خاتىرجەملىك، يېڭى خىزمەت ئورنۇمدىكى خىزمىتىمگە ئۇتۇق،بارچىڭلارغا خوشاللىق تىلەيمەن       

 


 

 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى
      ·مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
      ·ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسف…
      ·قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن