خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ30 -دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:29- دېكابىر سائەت 8دە، شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭ شۈەنۋۇمېن مېترو بېكىتىدە 4 –يول مېتروغا ئالماشماقتا.شۇ كۈنى بېيجىڭنىڭ ئاممىۋى قاتناش باھاسى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى ئىدى. 28-دېكابىردىن باشلاپ، بېيجىڭنىڭ ئاممىۋى قاتناش باھاسى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەلدى. رېلىس قاتناشنىڭ باھاسى 6 كىلومېتىر(ئىچىدە)3يۈەنگە تەڭشەلدى. يەر ئۈستى قاتناشنىڭ باھاسى 10 كىلومېتىر(ئىچىدە) 2يۈەنگە تەڭشەلدى. رېلىس قاتنىشى بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار بېرىش لايىھىسى بار ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭكۈەي فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى