خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئىتالىيەنىڭ 466 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان « نورمان ئاتلانتىك ئوكيان » ناملىق كېچىك پاراخوتى 28-دېكابىر سەھەر گىرېتسىيە تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ساھىلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، بىر ئادەم قازا قىلغان .
ئىگىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى ئانكونا پورتىدا توختىماقچى بولغان بۇ پاراخوتنىڭ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا ئوت كېتىپ ، پاراخوتتىكىلەر ئوتنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالغان .
جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ 28-دېكابىر ئېيتىشىچە، ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە گىرېتسىيە دېڭىز ساھىلىدا ئوت كەتكەن پاراخوتتا جۇڭگو پۇقراسى يوقلۇقىنى دەلىللىگەن.