خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9-دېكابىر كەچ، گۇاڭشى ليۇجۇ شەھىرى ساقچى تەرەپ يېڭىچە تاراتقۇ ئارقىلىق شۇ يەردىكى ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ بىر يۈرۈش تەشۋىق سۈرەتلىرى بىلەن ۋىدېئوسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۈچ مىنۇتلۇق جىددىي جەريان، ھەيران قالدۇرغۇدەك كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن فىلىمنىڭ توردا داڭقى چىقىپ كەتتى. تورداشلار بۇ تەشۋىقات فىلىمنىڭ چوڭ كىنو فىلىملىرىدىن قېلىشمىغىدەك ئىشلەنگەنلىكىگە ھەيران قالدى. ئىگىلىنىشچە،بۇ ئوبراز تەشۋىق فىلىمنىڭ ئارتىسلىرى ھەممىسى ليۇجۇ شەھىرى ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچىلىرى ئىكەن. فىلىمغا « خەتەرلىك پەيتتە ،بىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا»دېگەن تېمىنى مەركەز قىلىپ، ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ نىشاننى مەركەزلەشتۈرگەنلىكى، چارلاشقا چىققانلىقى، جىنايەتچىلەرنى قوغلىغانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر كىرگۈزۈلگەن.
(ۋاڭ يۇڭجۈن فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى