خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:7-دېكابىر، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى يەنشەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 18 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن 3 نەپەر شەھەر ئاھالىسى، نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇسلۇق سوغۇق ھاۋادا دېڭىزغا چۈشۈپ قول تۇتۇشۇپ قۇتقۇزۇش «زەنجىرى» ھاسىل قىلىپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ياش قىزنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. يەنشەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات مەركىزىدىكى چەي چاڭشەنىڭ تونۇشتۇرشىچە، قىزنى قۇتقۇزغانلار يەنشەن ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنىسازلىق ئىنستىتۇتى ماتېرىيال پىششىقلاش ۋە كونترول قۇرۇلۇشى 1- سىنىپدىكى 18 نەپەر ئوقۇغۇچىسى. بۇندىن باشقا 3 نەپەر شەھەر ئاھالىسى ئادەمنى قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىمنى قالدۇرماي كېتىپ قالغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى(جۇ دىيەنجۈن فوتوسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى