- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى 28 - نويابىرىدىن باشلاپ پويىز بېلەت سېتىش ۋاقتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ
2014.12.01 23:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 26-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، تۆمۈريول تارماقلىرى 28-نويابىردىن باشلاپ ئالاقە تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاس قىلىش ۋاقتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ئالاقە تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاس قىلىش ۋاقتى 08:30 گە ، باشقا ۋوگزاللارنىڭ ئالاقە تورى ۋە تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاس قىلىش ۋاقتى 09:00 گە ، پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرىدىكى بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرىدە بېلەت سېتىش ۋاقتى 09:30 گە تەڭشىلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان ئېلېكتىروۋۇزنىڭ بېلىتىنى زاكاس قىلىش ۋە سېتىش ۋاقتىمۇ يۇقىرقى ۋاقىت كۆرسەتمىسى بويىچە بىردەك بولىدىكەن .
يولۇچىلار تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ 12306 تور بېكىتىگە چىقىپ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر