- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قار توختىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆكتات باھاسى ئۆرلىدى
2014.12.01 23:55 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىر 26-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىييۇەنچۇن دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىردا قاردىن كېيىن كۆكتات باھاسى ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدى . كۆپ يىل كۆكتات توپ تارقىتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان بىر تىجارەتچىنىڭ ئىيتىشىچە ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان ، قار يىغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ، كۆكتاتلارنى ساقلاش بىر قەدەر تەس بولغاچقا ، تىجارەتچىلەر نورمىدىن ئوشۇق كۆكتات كىرگۈزەلمەيدىكەن ، قار ياغسا، يەنە كۆكتات توشۇشمۇ تەسلىشىپ كۆكتات باھاسىدا ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن .
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، قار ياغقان كۈنى بۇ بازاردىكىلەر مال كىرگۈزەلمەي ، دۇكانلاردىكى پالەك ، مايلىق يېسىۋىلەك قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئېھتىياجنى قامدىيالمىغانلىقتىن باھاسى ئۆسكەن .
مۇخبىر قىزىلتاغ بازىرىغا كەلگەندە پالەك ، مايلىق يېسىۋىلەكنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5 يۈەندىن ~ 7 يۈەنگىچە بولۇپ ، ھەر كىلوگىرامى تەخمىنەن 1 يۈەندىن ~ 2 يۈەنگىچە ئۆسكەن . تۇرۇب ۋە بەرەڭگە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان .
زىيارەت داۋامىدا مۇخبىر شەھەر رايونىدىكى مەھەللە كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا كۆكتات تۈرى كۆپ ھەم يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ، باھا پەرىقىنىڭ ئانچە روشەن ئەمەسلىكىنى كۆرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كۆكتاتلار قار يېغىشتىن بۇرۇن كىرگۈزۈلگەنلىكتىن قاردىن كېيىنكى باھا ئۆسۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر