باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى شەھىرى «پەرىشتىلەر ھەرىكىتى» چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي پاراۋانلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2014.12.01 23:55         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى ھارپىسىدا، يەنى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرى «پەرىشتىلەر ھەرىكىتى» چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي پاراۋانلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلى بولماسلىق، ئەيدىز كېسەللىرىنى كەمسىتمەسلىكنى تەشۋىق ۋە تەشەببۇس قىلدى. «پەرىشتىلە ھەرىكىتى» دە، بىر قاتار باش تېمىلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش بىلىملىرى، داۋالاش تەدبىرلىرى ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش تەشۋىق قىلىندى. پىدائىي شياۋ ۋاڭ مۇنداق دېدى: ئەيدىز كېسىلى ئانچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەيدىز كېسەللىرى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى، يەنى قان ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقى، ئانىدىن بالىغا يۇقىدىغانلىقى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالساق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە بىرلا ۋاقىتتا «پەرىشتىلەر پۇسۇلكىسى» ۋە «پەرىشتىلەر يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تېزگىنلەش مەركىزى پۈتۈن شەھەر بويىچە 800 ئورۇن ۋە شەخسكە «پەرىشتىلەر پۇسۇلكىسى» تارقاتتى. پۇسۇلكا ئىچىدە، قىزىل شارپا، قىزىل لېنتا ۋە مۇراجىئەتنامە بولۇپ، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئەتراپىدىكى دوست- يارەنلىرى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا تارقاتتى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئەيدىز كېسىلى ياكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا يولۇقساق، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ كەمسىتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇلار ياردەمگە مۇھتاج بولسا، ياردىمىمىزنى ئايىماسلىقىمىز كېرەك.

  ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1995- يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيان، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز كېسىلى 9 مىڭ 900 گە يەتكەن. 1996- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە ئەيدىز يۇقۇمى تېز كۆپەيگەن، 2011- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە يۇقۇم ئەھۋالى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايغان. 2013- يىلىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى 2011- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 21.27 پىرسەنت ئازلىغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جىڭگۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. ئەيدىز كېسىلىنى ھەقسىز تەكشۈرىمىز، دىئاگنوز قويىمىز. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى، ئائىلىلىرىنى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بىلەن تەمىن ئەتتۇق. بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئەسلىدە تېز كۆپىيىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدۇق. مانا بۇ- پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن ياخشى ئۈنۈم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر