خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزا سانائەت باغچا رايۇنىغا ماكانلاشقان، خىڭتۇڭ قۇيۇقلاندۇرۇلغان مىۋە شەربىتى ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك مەسئۇليەت شىرىكىتى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق سەككىز ناھىيە بىر شەھەردىكى نەچچە يۈز باغۋەننىڭ، يىلدا 80 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئالمىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 0.65 يۈەندىن جەمئى 52 مىليۇن يۈەنگە سېتىۋېلىپ باغۋەنلەرنى خوش قىلسا، زاۋۇت بۇ خىل ئالمىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، قىممەت باھالىق، يۇقۇرى ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئالما شەربىتى ئىشلەپ چىقىرىپ ئامىركا، گىرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىپ، يىلدا 25 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ شىركەتكە زور ئىققتىسادى قىممەت ياراتتى. ئىگىلىنىشچە، ھازىر بۇ كارخانا يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپتۇ.
سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 9-كۈنى شىركەت قوروسى ئىچىدە ئىشچىلار ئۆلچەمگە توشمىغان ئالمىلارنى ماشنىدىن چۈشۈرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى