10-ئاينىڭ 12-كۈنى 27-نۆۋەتلىك «ئېكساق لوڭقىسى»پۇتبول مۇسابىقىسى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىپ، قىسقىغىنە ئىككى كۈن داۋام ئېتىپ غەلبىلىك ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى «ئېكساق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىگە بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى تەشكىللىنىپ 16 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، مۇسابىقىدە بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر-ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ كوماندىسى تۆتىنجى بولدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە يەنە بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ كوماندىسى ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلەشمە كوماندىسى ئەڭ ئادىل رىقابەتلەشكەن كوماندا شەرىپىگە، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېكساق ئەڭ ياخشى ۋارىتار، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق مائارىپ كوماندىسىدىن ئېلزات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى، بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئابلىكىم ئەڭ ياخشى توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مەنبە: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى