ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتىدىكى موماي مارى 72 يېشىدىن باشلاپ دۇنيا كېزىشنى باشلاپ ، 90 يېشىغىچە يەتتە قىتئە، تۆت ئوكياننى كېزىپ ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتنى ساياھەت قىلغان . بۇ موماينىڭ يولدىشى ئادەتتە سىرتلارغا چىقىشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن ، ناھايىتى ئاز چىقىدىكەن ، يولدىشى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ بۇ گۈزەل دۇنيانى ئوبدان بىر كۆرۈۋېلىشنى قارار قىلغان .