نىڭشيا نىڭدۇڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسىنىڭ نىڭشيا ‹‹ جيېمېي ›› فېڭيۇ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە 7-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئاممىياك گازى قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 33 ئادەم زەھەرلەنگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەم ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 7-سېنتەبىر سائەت 18:00 دىن 22:00 گىچە ، نىڭدۇڭ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ۋەقە يۈز بەرگەن زاۋۇت ئەتراپىدا ھاۋا تەركىبىدىكى ئاممىياك گازى ۋە ھىدروگېن سۇلفىد قاتارلىق گاز جىسىملارغا قارىتا ئۈچ قېتىم جىددىي ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۈزىتىشتە ھاۋا تەركىبىدە ئاممىياك گازى ۋە ھىدروگېن سۇلفىد بايقالمىغان .